多风格响应式jQuery焦点图插件 OkaSlider -素材家园(www.sucaijiayuan.com)
ئۇقتۇرۇش: مەھسۇلاتىمىزنى توردا زاكاس قىلسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئېتىبارلارغا ئېرىشەلەيسىز ...

خەۋەرلەر

تېخىمۇ كۆپ >>
بىز ھەققىدە

بىز ھەققىدە

شىركەت قۇرغۇچىسى 1989 – يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتىنىڭ فېزىكا فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ، ئاتۇش شەھرىگە قايتىپ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى رېمونىت قىلىش كەسپى بىلەن ئىش باشلاپ، بۇ جەرياندا نۇرغۇن ياراملىق شاگىرىتلارنى تەربىيلىگەن. 1996 – يىلغا كەلگەندە تىجارەت دائىرىسىنى رېمونىت قىلىشتىن ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىشقا قاراپ يۈزلەندۈرگەن. 2005 – يىلغا كەلگەندە خەلىقئارا بازارلارغا يۈزلىنىپ، دەسلەپكى قەدەمدە يىپەك يولى سودا بەلۋىغىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا بازارلىرىنى ئىگەللەپ قىرغىزستان، قازاقىستان، ئەرمىنيە، بىلروسىيە، روسىيە قاتارلىق 25 دۆلەت بىلەن سودا ئالاقىسى ئورناتقان. بۇ جەرياندا ئىكىسپورت قىلغان ئېلېكتىر سايمانلىرى شۇ دۆلەتلەردىكى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ۋە ماختىشىغا ئېرىشكەن. 2010 – يىلىغا كەلگەندە ئوتتۇرا شەرىقتىكى دۇبەي، قاتار، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلارغا يۈرۈش قىلىپ، كەڭ كۆلەمدە بازار ئېچىپ، خەلقئارا سودا جەريانىدا ئاز بولمىغان تەجىربىلەرگە ئىگە بولغان. 2011 – يىلى ئافرېقا ئىسسىق بەلباغ دۆلەتلىرى بىلەن ئىكىسپورت سودىسنى تۇتاشتۇرغان. 2012 – يىلى 3 – ئايدا دىيارىمىز خەلقنىڭ سۈپەتلىك ۋە ئىشەنچلىك بولغان ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىگە بولغان ئىھتىياجىنى چىقىش قىلىپ، شىنجاڭ بازىرى سانائىتىگە تېگىشلىك تۆھپە قوشۇش مەقسىتىدە ئۈرۈمچىدە ئىسمى جىسمىغا لايىق سەرخىل خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ چىقتى. شىركىتىمىزنىڭ ۋەدىسى شۇكى: سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەتكە 24 سائەت ھەقسىز كاپالەتلىك قىلىمىز. شىركىتىمىز خەلقىمىزنىڭ قوللاپ – قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئۆزلۈكسىز تەرەققىياتلارغا ئىرىشىپ كەلمەكتە، خەلقىمىزنىڭ بىزگە، بولۇپمۇ سەرخىل ماركىسىدىكى مەھسۇلاتلىرىمىزغا ئىشەنگەنلىكىگە، ياقتۇرۇپ ئىشلەتكەنلىكىگە چىن قەلبىمىزدىن رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز. سەرخىل بىلەن تۇرمۇشىڭىز تېخىمۇ سەرخىللاشسۇن!
تېخىمۇ كۆپ >>

مەھسۇلاتلار

تېخىمۇ كۆپ >>

تەۋسىيەلىرىمىز

تېخىمۇ كۆپ >>

مۇلازىمەت

ماددىي ئەشيا ۋە تېخنىكىنىڭ ئىمپورت ۋە ئېكىسپورت كەسپىي، كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتال ۋە قاتتىق دېتاللىرى تەتقىقاتى، دۆلەت ئىچى مال ترانسىپورت كەسپىي، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، پولات ماتېرىياللىرى، بەش خىل مېتال، ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى، كۈندىلىك تۇرمۇش ماتېرىياللىرى، كېيىم - كېچەك، گىرىم بويۇملىرى، يېزا ۋە چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى، ئەينەك بويۇملار، ئالاقە ئۈسكۈنىلىرى، ئوت ئۆچۈرۈش سايمانلىرى، ئىلما توقۇلما كارۋات بويۇملىرى، ماشىنا سايمانلىرى، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار، ئېنىرگىيە تېجەيدىغان مەھسۇلاتلارنى سېتىش قاتارلىقلار. تېخىمۇ كۆپ >>

ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى نەنۋەن كوچىسى جەنۇبى 5 كوچا 22 نومۇر

ئېلخەت: 1027295213@qq..com

تېلېفون: 0991-2577676

فاكس: 0991-2577575

ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى نەنۋەن كوچىسى جەنۇبى 5 كوچا 22 نومۇرتېلېفون: 0991-2577676فاكس: 0991-2577575

نەشر ھوقۇقى سەرخىل خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتىگە تەۋە新ICP备15003256号-1 تېخنىك:zulpikar